تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى قانچىلىك ؟ ۋاقىت توشقاندا قانداق قىلىمىز

阅读:438 2023-05-06 14:55:10

تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى قانچىلىك ؟ ۋاقىت توشقاندا قانداق قىلىمىز

 

دۆلىتىمىز ۋە خەلقارادا ئورتاق بىرىلىككە كەلگەن تونۇش بولۇپ ، ئىلتىماس قىلىنىپ مۇۋاپىقىيەتلىك تىزىملىنىپ چىققان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى 10 بولىدىغان بولۇپ ، تاۋار ماركسىىنىڭ ۋاقتى توشقاندا داۋاملىق ھەق تۆلەپ قايتىدىن ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدۇ ، ئەگەر ۋاقتىنى ئۆتكۈزۋەتسەك تاۋار ماركىسى ئۆچۈرۈلۈپ ، كۈچتىن قالىدۇ ،

 

دۆلىتىمىزنىڭ تاۋار ماركا قانۇنىدا بىتىلگەن بويىچە تاۋار ماركسىىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى مۇۋاپىقەتلىك تىزىملىنىپ چىققان كۈندىن باشلاپ 10 كۈچكە ئىگە بولىدۇ دەپ بىكتىلگەن  بولۇپ ، تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقتى بىر يىل ئەتىراپىدا قالغاندىن كىين بىز داۋاملىق ئىشلىتىشكە تاۋار ماركا ئىدارىسىگە ئىلتىماس سۇنۇپ ھەق تاپۇشۇرۇپ قايتىدىن 10 يىل ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلساق بولىدۇ ، ئەگەر ئىشلىتىش ۋاقتى توشۇپ ئالتە ئايغا يەتمىگەن بولسا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ۋاقىت ئۇزارتىش ئىلتىماسىنى سۇنساق بولىدۇ ، ئەگەر بىكىتلگەن ئالتە ئاي ۋاقىت ئىچىدە يەنىلا ۋاقىت ئۇزارتىشنى ئىلتىماس قىلمىساق ، تاۋار ماركا ئىشلىتىش ھوقوقىدىن  ۋازكەچكەن دەپ قارىلىپ تاۋارماركىسى ئۆچۈرۈلۈپ كۈچىتىن قالىدۇ ، ئەگەر ۋاقىت توشۇپ بولغاندىن كىين باشقىلار ئەسلىدىكى ماركىنى ئىلتىماس قىلىپ ئىشلەتكەن بولسا ھوقوققا چىقىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ .

 

 

تاۋار ماركىسىنىڭ ئىشلىتىش ۋاقىتىنى ئۇزارتىشتا كۆپ ئۇچىرايدىغان مەسىللەر

ئەگەر كۈچكە ئىگە ۋاقىت توشۇپ كىتىلسە ماركىنى يەنە ئىشلىتىشكە بولامدۇ ؟

ھەئە ، تاۋار ماركا ئىدارىسى ئالتە ئايلىق ۋاقىت بىرىدىغان بولۇپ ، بۇ مۇددەت ئىچىدە دۋاملىق ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلساق بولىدۇ .

 

تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كۈچكە ئىگە مۇددىتى قانچىلىك ؟

10 يىل ، 10 يىل توشقاندىن كىين يەنە دۋاملىق ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىمىز .

 

ۋاقىت ئۇزارتىش ئىلتىماسىنى سۇنۇپ بولغاندىن كىين قايتىدىن << قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ۋە ماركا كىنىشكىسى > چىقامدۇ ؟

 

تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلغاندا تاۋار ماركا ئىدارىسى قايتىدىن قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرىشى ۋە تاۋار ماركا كىنىشكىسى ئەۋەتمەيدۇ ، پەقەت داۋاملىق ئىشلىتىش ئىلتىماسىنىلا ئەۋەتىدۇ ، ئەسلىدىكى تاۋار ماركا كىنىشكسىى بىلەن بىرلەشتۇرۇپ ئىشلىتىشكە توغىرا كىلىدۇ ، شۇڭا ئىسپاتىنى ياخشى ساقلاڭ .

 

 

 

نىمىشقا دەل ۋاقتىدا ۋاقىت ئۇزارتىش ئىلتىماسىنى قىلىمىز ؟

 

نۇرغۇن كىشىلىرىمىز تاۋار ماركىسىنىڭ ۋاقىتىغا بەزىدە قاراپ بولالماسلىقى مۇمكىن ياكى ئىسىدىن چىقرىىپ قويشى مۇمكىن ، ئەگەر دەل ۋاقتىدا تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلمىساق ، تاۋار ماركسىىنىڭ ئىشلىتىش ھوقوقىدىن ئايرىلىپ قالىمىز .

 

تاۋار ماركسىىغا كەڭچىلىك قىلىش ۋە داۋاملىق ئىشلىتىشكە ئىلتىماس قىلىشنىڭ پەرقى نىمە

 

تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىكە ئىلتىماس قىلىش ئادەتتە تاۋار ماركىسىنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى تولۇق توشۇپ كەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق ئىلتىماس قىلىپ ئىشلىتىكە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ ، تاۋار ماركىسىغا كەڭچىلىك قىلىش بولسا ، تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە ۋاقىتى توشۇپ كەتكەن بولسىمۇ ، تاۋار ماركا ئىدارىسى كەڭچىلىك بىلەن ئالتە ئايلىق داۋاملىق ئىشلىتىش ۋاقتى بىرىدۇ ، ئەگەر كەڭچىلىك قىلىنغان مەزگىلدە يەنىلا داۋاملىق ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلمىساق ئۆزلىگىدىن ۋازكەچكەن دەپ قارىلىپ تاۋار ماركىسى ئۈنۈمسىز قىلىنىپ ئۆچۈرلىدۇ .

 

كەڭچىلىك قىلىغان مەزگىلدە تاۋار ماركىسى يەنىلا كۈچكە ئىگە بولامدۇ؟

شۇنداق ، بىكىتىلگەن ئالتە ئاي ۋاقىت مۇددەت ئىچىدە تاۋار ماركىسىنى يەنىلا قانۇن تەرپىدىن قوغدىلىدىغان بولۇپ ، دۆلتىمىزنىڭ تاۋار ماركا قانۇنى 46-ماددىسدا مۇنداق دەپ بىكىتلگەن . :تىزىمغا ئىلىنغان تاۋار ماركىسى ئۆچۈرۈلگەن ، ياكى ئىشلىتىش ۋاقتى توشمىغان ، ئۆز ئىخيارلىقى بىلەن ماركىنى ئۆچۈرۈشكە ئىلتىماس قىلغان ھەمدە ئۆچۈرۈلگەن تاۋار ماركىلىرىغا ئوخشاش ياكى ئوخششىپ كىتىدىغان تاۋار ماركا ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنمايدۇ دەپ بىكىتلگەن بولۇپ ، بۇ جەرياندا تاۋار ماركىسى يەنىلا قانۇن تەرپىدىن كۈچكە ئىگە دەپ قارىلىدۇ .

相关文章
{{ v.title }}
{{ v.description||(cleanHtml(v.content)).substr(0,100)+'···' }}
你可能感兴趣
推荐阅读 更多>
推荐商标

{{ v.name }}

{{ v.cls }}类

立即购买 联系客服