مېنىڭ ماركام نېمىشقا رەت قىلىنىدۇ؟

阅读:318 2023-12-21 13:16:27

كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر ،

ئالدى بىلەن بىز نېمىنىڭ ماركا رەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلىشىمىز كېرەك. ماركا رەت قىلىش تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا، تاۋار ماركىسى ئىدارىسى ئىلتىماس قىلغۇچىلار تاپشۇرغان تاۋار ماركىسى قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كەلمىگەن  ياكى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىۋاتقان تاۋار ماركىسىغا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا ، بۇ تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى رەت قىلىدىغان بىر خىل ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇنداقتا ماركا نېمە ئۈچۈن رەت قىلىنىدۇ؟

1. باشقىلار رويخەتكە ئالدۇرۇش ئالدى بىلەن : تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرگۈچىسى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىگەندە ، ئالدى بىلەن تاۋار ماركىسى ئىدارىسى سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىكى ئۇچۇرلار بىلەن  ھازىرقى تاۋار ماركىسىنى سېلىشتۇرىدۇ . ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ تاۋار ماركىسىنىڭ ئىلتىماس قىلىنىپ بولغان  ياكى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىۋاتقان تاۋار ماركىسى بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كەتكەنلىكى بايقالسا، تاۋار ماركىسى توقۇنۇشى سەۋەبىدىن رەت قىلىنىشى مۇمكىن.

2. قانۇن-قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش: تاۋار ماركىسى ئىلتىماسى چوقۇم «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاۋار ماركىسى قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-تۈزۈملەردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. مەسىلەن، رويخەتكە ئالدۇرۇشقا ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسىغا تاۋار ياكى مۇلازىمەتنىڭ ئورتاق نامى، گىرافىك، تىپى، تاۋار ياكى مۇلازىمەت ئالاھىدىلىكىنى بايان قىلغان بەلگىلەر ئىشلىتىلسە ياكى كۆرۈنەرلىك بەلگىلەر كەمچىل بولسا، قانۇن بەلگىلىمىگە خىلاپ دەپ قارىلىپ، تاۋار ماركىسى ئىلتىماسى رەت قىلىنىشى رەت قىلىنىشى مۇمكىن.

3. مۇكەممەل بولمىغان ئىلتىماس ماتېرىيالى: ئەگەر ئىلتىماس قىلغۇچىلار تاپشۇرغان تاۋار ماركىسى ئىلتىماس ماتېرىيالى مۇكەممەل بولمىسا ياكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمىسە، تاۋار ماركىسى ئىلتىماسى رەت قىلىنىشى مۇمكىن.

باشقا سەۋەبلەر: يۇقارقى سەۋەبلەردىن باشقا يەنە بەزى سەۋەبلەر رەت قىلىنىشى مۇمكىن، مەسىلەن تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرگۈچىسىنىڭ سۇبيېكتىپ ھۆكۈمى قاتارلىقلار.

 

 

ئۇنىڭدىن باشقا تاۋار ماركا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ تولۇق يىڭىلىنىپ بولالماسلىقىنىڭ سەۋەبى بىلەن تاۋار ماركا ئىلتىماس قىلىنغاندا تەكشۈرۈش ئۇچۇرى تولۇق كۆرۈنمەنسلىك سەۋەبىدىن تارۋار ماركىسى قايتۇرىلدىىغان ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ ،

ئۇنداقتا بىز تاۋار ماركىسى رەت قىلىنغان ئەھۋال ئالدىدا قانداق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك؟

ئالدى بىلەن بىز ماركىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنىڭ نەتىجىسىگە توغرا مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك. ماركىنىڭ رەت قىلىنىشى بىزنىڭ تاۋار ماركىمىزنىڭ رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولماسلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، پەقەت ۋاقتىنچە بەزى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى دىگەنلىك . بىز تاۋار ماركىسى ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈش پىكىرىگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈش نىسبىتىنى ئۆستۈرسەك بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن قالسا، بىز كەسپىي ياردەم تەلەپ قىلساق بولىدۇ. ئەگەر سىز تاۋار ماركىسىنى ئىلتىماس قىلىش ۋە تەكشۈرۈش تەرتىپىگە پىششىق بولمىسىڭىز ، كەسپىي ۋاكالەتچىلىك ئاپپاراتىدىن مەسلىھەت سورىسىڭىز ۋە يېتەكچىلىك قىلسىڭىز بولىدۇ . ئۇلار سىزگە ياردەملىشىپ تاۋار ماركىسىنىڭ رەت قىلىنىش سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، قاراتمىلىق ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئاشۇرىدۇ.

 

相关文章
{{ v.title }}
{{ v.description||(cleanHtml(v.content)).substr(0,100)+'···' }}
你可能感兴趣
推荐阅读 更多>
推荐商标

{{ v.name }}

{{ v.cls }}类

立即购买 联系客服