رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى ئون يىل بولىدۇ، رويخەتكە ئېلىش تەستىقلانغان كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، تاۋار ماركىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك، تاۋار ماركىسىنىڭ مۇددىتى توشۇشتىن 12 ئاي بۇرۇن داۋاملىق ئىشلىتىشنى بېجىرىش كېرەك، تەخمىنەن ئىككى ئايدىن ئۈچ ئايغىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ بولۇشى كېرەك.
رويخەتكە ئېلىنغان تاۋار ماركىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، تاۋار ماركىسى ئىدارىسىگە ئىلتىماس قىلىش كېرەك. ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاۋار، مۇلازىمەتتىكى ئوخشاش ئوخشاپ كېتىدىغان تاۋار ماركىسىنى بىر يوللا ئۆتۈنۈپ بېرىش، تەخمىنەن 6 ئايدىن 10 ئايغىچە تەستىقلاپ تاماملىنىدۇ.
ماركا ئۇچۇرىدا خاتالىق كۆرۈلگەن بولسا : مەسىلەن ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ نامى ، شىركەت ئىسمى ، ئادىرسى قاتارلىقلار ئەسلىدىكى بىلەن بىردەك بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس سۇنىلىدۇ
تىزىمغا ئالدۇرۇپ ئۈچ يىلغىچە ھىچقانداق مۇلازىمەت ياكى مەھسۇلاتتا قوللانمىغان ماركىنى ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخىس ئۆچۈرۈشكە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ ، ھەمدە تاۋار ماركا ئىدارىسىدىن شۇ ماركىنى ئۆچۈرۈشنى تەستىقلاپ بىرىشكە ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ ،
商标异议答辩是指商标异议案的被异议人在法定期限内对异议理由以书面形式进行辩驳的法律行为。