ئۆزنامىمىزنى تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىلتىماس قىلساق بولامدۇ ؟ تەكرالىنىپ قالسا قانداق قىلىمىز ؟

阅读:513 2023-05-06 14:55:10

ئۆزنامىمىزنى تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىلتىماس قىلساق بولامدۇ ؟ تەكرالىنىپ قالسا قانداق قىلىمىز ؟

 

مۇنداقچە قىلىپ ئىيتقىنىمزدا تارخىى شەخىسلەرنىڭ ئىسمى بولمىسىلا ھەرقانداق تەبىئى شەخىس ئۆز ئىسمىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ ئىلتىماس قىلىپ قوللانسا بولىدۇ ، بىراق ھەممە كىشىنىڭ ئىسمىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ قوللىنىشقا بولىشى ناتايىن ، تاۋار ماركا قانۇنى ئالاھىدە ماددا بىرىنچى تارمىقىدا بىكتىلگەن بويىچە ، ھەرقانداق تارىخى شەخىسلارنىڭ ئىسىملىرىنى ، مەسىلەن تارختا ئۆتكەن سۇلالىلەر ۋە پادىشاھ ، خانلارنىڭ ئسىملىرىنى ، داڭلىق ھۈنەرۋەن شەخىسلەرنىڭ ئىسملىرى ، باشقا نام ، لەقەملىرى قاتارلىقلارنى ماركا قىلىپ قوللىنىشقا بولمايدۇ ،

ئىككىنچىدىن : كۆزگە كۆرۈنگەن سەنئەتكارلار (ھوقوق بەرگەنلەردىن باشقا ) ، جامائەت ئەربابلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئىسىملىرىنى ماركا قىلىپ قوللىنىشقا بولمايدۇ دەپ بىتىكىلگەن ، بۇلار جۈملىدىن تور چولپانلىرى ، ئەدىبى - سەنئەت ۋە تەنتەربىيە ساھادىسىكى خادىملارنىڭ ئىسىملىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،

 

ئادەتتىكى كىشىلەر رويخەتكە ئالدۇرغان ئىسىم-فامىلىسى تاۋار ماركىسى بولىدۇ؟

تاۋار ماركىسى قانۇنى نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، يېزىقتىن تەركىب تاپقان ئىسىم-فامىلە تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئادەتتىكى ئادەم ياكى مەلۇم بىر ساھەدە مەلۇم نامى بار ئادەم بولۇشى چەكلەنمەيدۇ، لېكىن رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان تاۋار ماركىسى روشەن ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى ھەمدە باشقىلارنىڭ ئاۋۋال ئېرىشكەن قانۇنلۇق ھوقۇقى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالماسلىقى كېرەك.

 

قانداق ئىسىم-فامىلىسى رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسى بولمايدۇ

 

تاۋار ماركىسى قانۇنىدا تاۋار ماركىسىنى ئىسىم-فامىلىسى بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇشتا، باشقىلارنىڭ ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغاندىن باشقا، ئاساسىي جەھەتتىن رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن، ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان بىر خىل ئەھۋال شۇكى، «ناچار تەسىر» ئامىلىغا ئاساسەن مەلۇم كىشىنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى تاۋار ماركىسى قىلىپ رويخەتكە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ.

 

جامائەت ئەربابلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى بىلەن رويخەتكە ئالدۇرغان تاۋار ماركىسىنى قەستەنلىك  رويخەتكە ئالدۇرۇشنى شەكىللەندۈرەمدۇ؟

تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغاندا، ئىسىم-فامىلىسى كۆرسىتىلگەن جامائەت ئەربابى خېلى تونۇلغان، ئەگەر بۇ ئىسىم-فامىلە تاۋار ماركىسى سۈپىتىدە رويخەتكە ئالدۇرۇلۇپ مەلۇم تاۋار ياكى مۇلازىمەتكە ئىشلىتىلسە، جامائەتنىڭ خاتا تونۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئاتالمىش «تاۋار ماركسىنى قەستەنلىك بىلەن رويخەتكە ئالدۇرۇۋېلىش» نى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، مۇناسىپ قانۇن ئاقىۋىتى تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىلتىماسىنىڭ رەت قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ياكى دەسلەپكى قەدەمدە تەكشۈرۈپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، يەنىلا باشقىچە پىكىردە بولۇشى ياكى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلىنىشى مۇمكىن.

 

ئەگەر ئۆزىنىڭ ئىسمىنى باشقىلار تىزىمغا ئالدۇرۇۋالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

ئىسىم-فامىلە ھوقۇقىنى ئاۋۋال بەھرىمەنلىك ھوقۇقى قىلىپ، يامان نىيەتتە رويخەتكە ئالدۇرۇۋالغان تاۋار ماركىسىغا قارىتا باشقىچە پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويسا ياكى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلىسا بولىدۇ. «تاۋار ماركىسى قانۇنى» نىڭ 32-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە ۋە «تاۋار ماركىسىنى تەكشۈرۈپ قاراپ چىقىش قوللانمىسى» دىكى مەزمۇنلارغا ئاساسەن، ئىجازەت ئالماي تۇرۇپ، باشقىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى بىلەن تاۋار ماركىسىنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئىسىم-فامىلە ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولسا، تالىشىۋاتقان تاۋار ماركىسىنى ماركا ئىدارىسى ئىنىۋاەتسىز دەپ ئىلان قىلىدۇ .

相关文章
{{ v.title }}
{{ v.description||(cleanHtml(v.content)).substr(0,100)+'···' }}
你可能感兴趣
推荐阅读 更多>
推荐商标

{{ v.name }}

{{ v.cls }}类

立即购买 联系客服